باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغدايلى

2018.12.11 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغدايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم كۈچلىرى. ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇم مەنپەئىتىنى قوغداپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات مۇقىملىقىنىڭ ئومۇملۇقىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

  سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر كەسىپ ئالماشتۇرۇپ يەرلىككە بارغاندا، ئۇلارنى ھەم ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەم ياخشى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ قىسىم سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئاقىلانە، قانۇنلۇق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆز تەلىپىنى بىلدۈرەلەيدۇ.

  لېكىن شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، ئاز ساندىكى كىشىلەر چەكتىن ئېشىپ كەتتى، قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى، ھەتتا توپلىشىپ ئىش چىقىرىپ، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تەشكىللىك ھالدا زوراۋانلىق قىلىش خاھىشىنى پەيدا قىلدى، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تەھدىت سېلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتىن چەتنەپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان سالدى، بۇ قىسمەن جايلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك ئامىلغا ئايلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. يېقىندا، ئالارقىدار تارماقلار شەندۇڭنىڭ پىڭدۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ «سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ساقچىلارغا زوراۋانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە ھەرىكەت قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خاھىشىغا ماسلاشتى.

  دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق دۆلەت، قانۇنچىللىق خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. قانۇنچىللىق جەمئىيەتتە قانۇن سىرتىدىكى جاي، قانۇن سىرتىدىكى ئادەممۇ يوق، ھېچكىم خيالىغا كەلگەننى قىلسا بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر