باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئاي تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 4- نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

2018.12.10 17:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە سىلىق قونۇپ تەكشۈرۈش سەپىرى باشلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىچاڭ، 12- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار خۇ جې، شيې جياۋ). «... 3، 2، 1 ئوت يېقىلسۇن!». راكېتانىڭ غايەت زور گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئاي چارلاش- ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، 12- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 2 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 3- نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق چاڭئې 4- نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى سەپىرى باشلاندى.

  چاڭئې 4- نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى كېيىنكى قەدەمدە يەر شارىدىن ئاي شارىغا يۆتكىلىش، ئايغا يېقىن يەردە تورمۇزلىنىش، ئاينى ئايلىنىپ ئۇچۇشنى تاماملاپ، ئاخىرىدا ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە سىلىق قونۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاي شارىنى ئارقا يۈزىگە ئورۇنلىشىپ تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم بۇرچ ئوربىتىسىدا ئايلىنىۋاتقان «چۆچياۋ» ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزى بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا بۆلەك خەۋەرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  چاڭئې 4- نومۇرلۇقنىڭ ۋەزىپە قۇرۇلۇش نىشانى: بىرىنچى، ئاي شارى ئوتتۇرا بۆلەك خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ ۋە قويۇپ بېرىپ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم يەر- ئاي لاگرانژې L2 نۇقتىسىنى كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش ھەمدە ئوتتۇرا بۆلەك خەۋەرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچى، ئاي شارىغا قونۇش ئۈسكۈنىسى ۋە كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ ۋە قويۇپ بېرىپ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە سىلىق قونۇش ۋە كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  چاڭئې 4- نومۇرلۇقنىڭ ئىلمىي ۋەزىپىسى ئاساسلىقى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدە تۆۋەن چاستوتىلىق رادىيو ئاسترونومىيەسىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ھەم تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش؛ ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى كۆزىتىش رايونىنىڭ شەكلى، مىنېراللارنىڭ تەركىبى ھەمدە ئاي شارى سىرتقى يۈزىنىڭ تېيىز قاتلاملىق قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش؛ ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى نېيترون رادىياتسىيەسى مىقدارى، نېيترال ئاتوم قاتارلىق ئاي شارى مۇھىتىنى تەكشۈرۈش- تەتقىق قىلىشنى سىناق خاراكتېرلىك قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، چاڭئې 4- نومۇرلۇقنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۆت تۈرلۈك ئىلمىي توشۇغۇچ جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، خاربىن سانائەت داشۆسى، جۇڭشەن داشۆ، چۇڭچىڭ داشۆ قاتارلىق دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر تەتقىق قىلىپ چىققان ئۈچ تۈرلۈك ئىلمىي تېخنىكا سىناق تۈرىنى ئېلىپ ماڭدى.

  چاڭئې 4- نومۇرلۇقنىڭ ۋەزىپىسى 2016- يىلى 1- ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھى ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت ئىككى قېتىملىق ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «چۆچياۋ» ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھى 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنى شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 4- نومۇرلۇق C يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان 27 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، يەر- ئاينى ئايلىنىدىغان لاگرانژې L2 نۇقتىسىنىڭ بۇرچ ئوربىتىسىغا كىردى، ھازىر ھالىتى نورمال.

  ئاي تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى مۇھىم، زور مەخسۇس تۈرىنى دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى باشلامچى بولۇپ تەشكىللەپ يولغا قويغان. چاڭئې 4- نومۇرلۇقنىڭ ۋەزىپىسى قۇرۇلۇش ئومۇمىي گەۋدىسى ھەم تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، توشۇغۇچى راكېتا، قويۇپ بېرىش مەيدانى، ئۆلچەش- كونترول قىلىش، يەر يۈزىدە قوللىنىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ سىستېمىدىن تەشكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قۇرۇلۇش ئومۇمىي گەۋدىسىنى دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى ئاي چارلاش ۋە ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى مەركىزى زىممىسىگە ئالغان؛ ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھ، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، توشۇغۇچى راكېتانى ئايرىم- ئايرىم ھالدا جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى، شاڭخەي ئالەم قاتنىشى تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان؛ قويۇپ بېرىش ۋە ئۆلچەش- كونترول قىلىش ۋەزىپىسىگە جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئۆلچەش- كونترول قىلىش سىستېمىسى بۆلۈمى مەسئۇل بولغان؛ يەر يۈزىدە قوللىنىش سىستېمىسىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى زىممىسىگە ئالغان، ئۈنۈملۈك توشۇغۇچنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ 294- قېتىملىق قويۇپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر