باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئېشىپ، %15كە يېقىن ئاشتى

2018.12.07 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تامۇژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئېشىپ، %15كە يېقىن ئاشتى. بۇنىڭغا قارىتا، سودا مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورتى بىر قەدەر تېز ئاشتى، مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، بۇ ئاساسلىقى كۆپ تەرەپلىك ئامىللارنىڭ بىرلىكتە تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن بولدى، ئالايلۇق، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات قوۋىتىنىڭ يۆتكىلىشى تېز بولدى، خەلقئارا بازارنىڭ ئېھتىياجى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ئىچكى ئىقتىساد مۇقىم ئاساستا ئىلگىرلەپ، ئىمپورتنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، سىياسەت ئۈنۈمى يەنىمۇ روشەن بولدى.

  گاۋ فىڭ مۇنداق دېدى: يۈزلىنىشتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا بازىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىش قەدىمى تېزلەشمەكتە، قىسمەن بازار داۋالغۇشىنىڭ تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولدى، بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت يوشورۇن كۈچى تەدىرىجىي قويۇۋېتىلمەكتە. كېلەر يىلى ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا سۈپىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى داۋاملىق تېزلىشىپ، يەنىلا كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ. خەلقئارادا كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىقى بولغان مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار شۇنداقلا ئېلىمىز كارخانىلىرى دۇچ كەلگەن بىر قىسىم قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئىمپورت كارخانىلىرىنىڭ تەننەرىخى تۆۋەنلىتىلىپ، سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈلۈپ، بازارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر