باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسماندا تور» ھەرىكىتى ئارقىلىق، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 4833 كىشى قايتۇرۇۋېلىندى، ھەمدە 10 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە قەدە رزور مۈلۈك قايتۇرۇۋېلىندى

2018.12.07 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى خەلقئارالىق كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ پەيتتە، مۇخبىر مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: «ئاسماندا تور» ھەرىكىتى 2015- يىلى 3- ئايدا باشلانغاندىن بۇيان، 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن قاچقۇنلار (ئۇلار "چەت ئەلكە قاچقۇن" بولۇپ قېچىپ كەتكەن كىشىلەر)نىڭ سانى 4833غا يەتكەن. قولغا چۈشۈرۈلگەن ئۇ قاچقۇنلارنىڭ ئىچىدە، دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن 995ى ۋە «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرىقىدىكى يۈز كىشىلىك تىزىملىك»تىكى كىشىلەردىن 54ى بار. ئۇ قاچقۇنلارنى قولغا چۈشۈرۈش نەتىجىسىدە، 10 مىليارد 300 مىليون يۈەنچە زور مىقداردىكى مۈلۈك قايتۇرۇۋېلىندى.

  مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز 71 دۆلەت بىلەن "ئۆتكۈزۈپ بېرىش" شەرتنامىسىدىن 54 تۈرلۈك شەرتنامە ۋە"جىنايى ئىشلاردا قانۇن يۈرگۈزۈشتە ياردەملىشىش" شەرتنامىسىدىن 63 تۈرلۈك شەرتنامە ئىمزالاشقان. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، ئېلىمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدا ۋە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى.

  6- ئاينىڭ 6- كۈنى، مەركەزنىڭ قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە ئېلان چىقىرىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق بولۇپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن 50 كىشىنىڭ ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. نەتىجىدە ھازىر ۋاڭ چى، لەي مىڭمىن، ۋۇچىڭ، جېڭ دۇڭچياڭ قاتارلىق 4 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر