- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ مەمۇرىيەت خىزمەت رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2018.12.03 16:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭ شەھىرى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ مەمۇرىيەت خىزمەت رايونى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بېيجىڭ شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەشكە ياردەم بېرىش ئىشخانىسى، شەھەرگە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ خىزمەت كومىتېتى، شەھەرلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار ئىش بېجىرىش رايونىغا كۆچۈپ كىرىپ ئىش بېجىرىشنى باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر شەھەر قوشۇمچە مەركىزى مەمۇرىيەت خىزمەت رايونىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى ماكانلىشىش شەرتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىغان بولۇپ، يېقىندا بىر قىسىم شەھەر دەرىجىلىك تارماقلار بۇ جايغا ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈپ كىرگەنكەن.
مەزكۇر شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنىڭ مەمۇرىيەت خىزمەت رايونى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايون تيەنئەنمېنغا 25 كىلومېتىر كېلىدۇ، تۇڭجۇ رايونى كونا شەھەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 155 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەمۇرىي خىزمەت رايونى شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ جايغا شەھەردىن يولغا چىقىپ ماڭسا، ئۇ جايغا مېترو ۋە تېز سۈرئەتلىك يول بىلەن بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر