باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

(ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 خىل بىرىنچى) جۇڭگونىڭ چوڭقۇرلۇققا چۆكۈش رېكورتى يارىتىلدى

2018.11.30 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇ ئەجدىھاسى ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى چوڭقۇر دېڭىزغا ئادەملىك سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى. ئۇنى ئېلىمىز ئۆزى لايىھەلەپ، مۇستەقىل توپلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان، نۆۋەتتە دۇنيادىكى چۆكۈش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭقۇر بولغان مەشغۇلات تىپلىق ئادەملىك سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى ھېسابلىنىدۇ.

  سۇ ئەجدىھاسى ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ چۆكۈش چوڭقۇرلۇقى 7062 مېتىر، ئەڭ چوڭ خىزمەت لايىھەلەش چوڭقۇرلۇقى 7000 مېتىر، خىزمەت دائىرىسى دۇنيا بويىچە %99.8 گە يەتكەن دېڭىز رايونىنى قاپلايدۇ.

  كىچىك سۇ ئاستى كېمىسى جەمەتى «سەنلۇڭ» نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، ئادەمسىز ۋە ئارقانسىز سۇ ئەجدىھاسى ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسى ئوخشىمايدۇ، سۇ ئەجدىھاسى ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، مۇقىم نۇقتىدا توختاپ مەشغۇلات قىلىشتۇر. ئالىملار سۇ ئەجدىھاسى ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسىغا ئولتۇرۇپ دېڭىز ئاستىنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ ۋە ئەۋرىشكە ئېلىشقا بولىدۇ، دېڭىز ئاستىدىكى مەلۇم بىر نۇقتىنى «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىش» شەكىل بويىچە ئىنچىكە تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ. «سەنلۇڭ» ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

  سۇ ئەجدىھاسى ناملىق پاراخوت بارلىققا كېلىشتىن ئىشلىتىشكىچە، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇنى باشتىن كەچۈرۈپ، ساناقسىز پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ قان تەرى مۇجەسسەملەندى.

  2002- يىلى 6- ئاي، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ «15» 863 پىلانى «7000 مېتىر ئادەملىك چۆكمە ئۈسكۈنىسى» چوڭ مەخسۇس تۈرىنى رەسمىي تەستىقلىدى. جۇڭگو دېڭىز ئوكيان ئۇيۇشمىسى خوجايىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىشقا كونكرېت مەسئۇل بولغان؛ جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ 702 تەتقىقات ئورنى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنياڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى چوڭقۇر دېڭىز جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىش ئەۋزەل ئورۇنلار بۇ تۈردە تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر