باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبى قۇتۇپتىن تىنچلىق بىلەن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇل سېلىش(ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 خىل بىرىنچى)

2018.11.30 09:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: "سەددىچىن" پونكىتى بولسا، ئېلىمىز جەنۇبىي قۇتۇپتا قۇرغان تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى بولۇپ، ئۇ پونكىت ئانتاركتىدا گېئورگى پادىشاھ ئارىلىدىكى فىئېلدېر سىلوۋېنىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان.ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى 1985- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى پۈتكەن.

  "سەددىچىن" پونكىتى بولسا، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتا ئىلمىي تەكشۈرۈش قىلىشتىكى مۇھىم تايانچ بازىسى بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭداشسىز مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. "سەددىچىن" پونكىتىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتا پائالىيەتلىرىنى مۇكەممەل قانات يايدۇرالايدىغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈشكە بارغان شۇ تۇنجى ئەترەت ئەينى چاغلاردا قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان ئۇ جايدا نامايان قىلغان روھى قىياپىتى، يەنى، تارىخ يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھى قىياپىتى"جەنۇبى قۇتۇپ روھى" دەپ ئاتىلىدۇ.

  1984- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قۇتۇپنى تۇنجى تەكشۈرۈش ئەترىتى «كۈنگەي قىزاردى 10-№» ناملىق ۋە «J121» ناملىق ئىككى كېمە بىلەن شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ، شەرەپلىك بىلەن سەپەرگە ئاتلاندى. تۇنجى قېتىمقى ئەترەتنىڭ باش نىشانى بولسا، ئانتاركتىدىدا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، جەنۇبىي قۇتۇپ ۋە جەنۇبىي ئوكيانغا ئىلمىي تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتۇر.

  ئانتاركتىدا گېئورگى پادىشاھ ئارىلىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، شۇ تۇنجى ئەترەت دەرھال پونكىت ئورنىنى تاللاشقا باشلاندى. شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى، تەكشۈرۈش ئەترىتى «سەددىچىن سېپىلى1-№» ۋە «سەددىچىن سېپىلى 2-№»ناملىق سۇ ئاستى كېمىلىرىگە ئولتۇرۇپ، غەلىبىلىك ھالدا گېئورگى پادىشاھ ئارىلىغا چىقتى، ئەترەت باشلىقى گو كون جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى شۇ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئورنىغا تۇنجى قېتىم تىكلىدى. ئىككىنچى كۈنى، شۇ تۇنجى ئەترەت"سەددىچىن" پونكىتىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر