باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭ دۇڭپىڭدا بىر مەست يولۇچى ئاپتوبۇسنىڭ رولىنى تالاشقانلىقتىن، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2018.11.29 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھىرى دۇڭپىڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق ئاپتوبۇس شوپۇرى بىلەن يولۇچى توقۇنۇشۇش جىنايى ئىشلار دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنى چىقاردى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرىدىن رولنى تارتىۋېلىپ، ماشىنىنىڭ نورمال يۈرۈش يولىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، جاۋابكار جوۋ xx خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018-يىلى 4- ئاينىڭ 21-كۈنى، جاۋابكار جوۋ xx ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۇڭپىڭ شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، تەيئەندىن دۇڭپىڭغا ماڭغان، ئاپتوموبىلدا 18 يولۇچى ئولتۇرغان. يولۇچىلار ئاپتوموبىلى دۇڭپىڭ ناھىيەسىنىڭ جيېشەن بازىرىدىكى 331 ئۆلكە يولى بىلەن بىنخې يولىنىڭ كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، جوۋ xx ماشىنىدىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرى جوۋ xxنىڭ جېيشەن ئاپتوموبىل بېكىتىگە كەلگەندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئۇقتۇرغان، جوۋ xx شوپۇردىن رولنى تارتىۋېلىپ، ماشىنىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ماشىنىنىڭ تۇيۇقسىز يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شوپۇر يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى جىددىي تورمۇزلىغاندىن كېيىن، يولنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى يول چېتىدە توختاتقان.

  جوۋ xxنىڭ قىلمىشى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ئوڭ ئالدى چاق بالونى ۋە تەۋرىنىشنى پەسەيتىش يەل خالتىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، خادىملارغا تالاپەت يەتمىگەن. جاۋابكار جوۋ xxكە قارىتا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكار جوۋ xx شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۇڭپىڭ شىركىتىگە ئاپتوموبىل رېمونت خىراجىتى ئۈچۈن 1500 يۈەن تۆلەپ بەرگەن ھەمدە ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار جوۋ xx باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى، ئومۇمنىڭ ۋە شەخسىينىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، كېتىۋاتقان ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ رولنى تارتىۋېلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، ئۇنىڭ قىلمىشى خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، قانۇن بويىچە جازالىنىشى كېرەك. جوۋ xx قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىشكە بولىدۇ. جاۋابكار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلىدى ھەمدە كەچۈرۈمگە ئېرىشتى، گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلدى، ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر