باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇلۇغ ئۆزگىرىش -ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە» توغرىسىدا

2018.11.26 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش- ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە»نىڭ باشلانغانلىقىغا ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى، 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلارنىڭ 430مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. تەپسىلىي ۋە ئېنىق مەزمۇنلار، مول كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ھەر قايسى ساھەلەردىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا بۈگۈنكى بىلەن ئىلگىرىكى تۇرمۇشنى سېلىشتۇرۇپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇردى، گۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىلدۈردى.

  4-كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھىرلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كۆرگەزمە رايونىدا، 40 يىلدىن بۇيان پۇقرالارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ تۈۋرۈكسىمان سۈرەتتىن ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ 1978-يىلدىكى 6.7 كىۋادرات مېتىردىن 2017-يىلغا كەلگەندە 36.9 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقانلىقى ئايان بولدى. ۋۇخەندىن ئالاھىدە كەلگەن ۋۇ شاۋمىن بۇ يىل 40 ياش بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن تەڭ، ئۇ ۋۇخەندىكى كەپىلىك مەھەللىلەر ئۆزگەرتىلگەن ئىككى پارچە سۈرەت ئالدىدا تۇرۇپ ئويغا چۆمدى.

  كۆنەكسىمان كۆمۈر ئوچىقى، گارشۇك قاچىلىرى «ئەسلىمە»دەپ ئاتالغان بۇ مىكرو چاسا قورۇ مودېلدا ئەينەن تەپسىلاتلار ئارقىلىق، ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 80-يىللىرىدىكى كونا بېيجىڭنىڭ كۆپ ئائىلىلىك ھويلىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش كەچۈرگەن مەنزىرىسى دەل ئەسلىگە قايتۇرۇلغان ۋە بەدىئىي جەھەتتىن قايتا نامايەن قىلىنغان.

  ئىلگىرى مۇشۇنداق كۆپ ئائىلىلىك ھويلىدا تۇرغانلار يازدا يامغۇر ئۆتۈپ كېتىش، قىشتا شامال ئۆتۈپ كېتىش دېگەنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئوت قالاپ ئىسىنغاندا گاز ئېلىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلاتتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ خىل ئەھۋاللار تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا بېيجىڭ شەھىرى شىچىڭ رايونى شىشاخەي كوچا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ليۇ شاۋشيا خانىم مۇخبىرلارنى ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈشكە قىزغىنلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. تار كوچىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، كوچا مەھەللىلەر پاكىز ئاددىي يوللار كىشىلەرگە ئىلگىرىكى بېيجىڭنىڭ قەدىمىي قىياپىتىنى ئەسلىتەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر