- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ بۇ يىل 15 مىڭ يۈرۈش جامائەت ئىجارىلىك ئۆينى ئىجارىگە بەردى
2018.11.21 14:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شەھەر بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىغان كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەر 50 مىڭ 41 يۈرۈشكە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېكىتكەن بىر يىلدا 50 مىڭ يۈرۈش (ئائىلە) قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى %100 ئورۇندالدى؛ 21مىڭ يۈرۈش جامائەت ئىجارىلىك ئۆي تەقسىملىنىپ بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، بىر يىلدا 15 مىڭ يۈرۈش (ئائىلە) جامائەت ئىجارىلىك ئۆي تەقسىملىنىپ بولۇشتەك ئەمەلىي ۋەزىپىنىڭ %140 ئورۇندالدى؛ شەھەردىكى ئۆزگەرتىلگەن كەپىلىك مەھەللىلەر 26مىڭ 100 ئائىلىگە يەتكەن بولۇپ،بۇنىڭ بىلەن، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى بېكىتكەن 23مىڭ 600 ئائىلىدىن ئىبارەت ئەمەلىي ۋەزىپىسى %111ئورۇندالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر ئەتراپىدىكى ئۆزگەرتىلگەن ئۆيلەر 9600 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %117ى ئورۇندالدى. تۈرلۈك كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرگە (مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بارلىق ئۆيلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) 94 مىليارد 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولدى.
ئومۇمىي پىلان تەلىپى بويىچە، بېيجىڭ چوقۇم ئىجارىلىك ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بەش يىل ئىچىدە 500 يۈرۈش ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈشنى پىلانلاپ، ھەمدە ئاساسلىقى كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ ئۆيلەر بازىرىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، سېتىۋېلىش بىلەن ئىجارىگە ئېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى سىستېمىسىنى تېزلىتىپ كېرەك. 2017- يىلى، شەھىرىمىزدە 39 كوللېكتىپ يەر ئىجارە ئۆيى تۈرى بېكىتىلدى، ھەمدە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى 203.9 گېكتارغا يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر