باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتى

2018.11.15 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ ئەيخۇڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 2018 - يىلى پېنسىيونېرلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى . نۆۋەتتە، جايلار كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈش سوممىسىنى تولۇق تارقىتىپ بولدى ، ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆستۈرۈلگەن سوممىسىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تارقىتىپ بولدى؛ پېنسىيەگە چىققان114 مىليون كىشى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشى مۇمكىن .

  بۇ يىل جايلار كۈتۈنۈش پۇلىنى داۋاملىق بىر تۇتاش تەڭشەشتە نورمىلىق تەڭشەش ، چېتىپ تەڭشەش ۋە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەڭشەش چارىسىنى قوللاندى . جايلار ئېلان قىلغان كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا ، 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتى ئۆتىگەن ۋە ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالدىغان پېنسىيونېرلارنىڭ ھەممىسى نورما بويىچە تەڭشەشتىن بەھرىمەن بولغان . مەسىلەن ، شاڭخەي نورما بويىچە تەڭشەشتە ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 60 يۈەن ، سەنشى 50 يۈەن ، بېيجىڭ 45 يۈەن ، جىلىن 35 يۈەن كۆپەيتكەن .

  2005-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ، دۆلىتىمىز ئۇدا 13 يىل كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈردى. كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى 640 نەچچە يۈەندىن 2017 - يىلى 2500 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. بۇ يىل 14 - قېتىملىق كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر