باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 - نۆۋەتلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىدە 1000 دىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلات ، يېڭى تېخنىكا كۆرگەزمە قىلىندى

2018.11.15 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە شېنجېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ ، 41 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ 60 تىن كۆپرەك ئۆمىكى 1000 دىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ ھەمدە 80 نەچچە مەيدان يېڭى مەھسۇلات ، يېڭى تېخنىكا ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ .

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ئەمەلىي فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پىروتون داۋالاش ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلمىسى ؛ TCL گۇرۇھىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك تېلېۋىزورى؛ ۋىنو شىركىتىنىڭ يۇمشاق قاتلىنىدىغان تاختا كومپيۇتېرى ؛سىنچىلات گۇرۇھىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرومېتىرى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ۋەكىللىك يېڭى تېخنىكىلىرى ، يېڭى مەھسۇلاتلىرى، يېڭى تۈرلىرى كۆرسىتىلىدىكەن .

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ . 3356 سودىگەر 10 مىڭدىن كۆپرەك تۈرنى قاتناشتۇرىدۇ. جۇڭگو ، بەھرەين، چىلى، چېخ، گېرمانىيە، روسيە، كورېيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق 41 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ 60 نەچچە ئۆمىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە، بىر بەلباغ ، بىر يول بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ 36 ئۆمىكى بار، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، چىلى، كۇبا، پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى ؛ يەنە گېرمانىيە - جۇڭگو سانائەت 4.0 ئىتتىپاقى كۆرگەزمە ئۆمىكى ، ياپونىيە سودىنى گۈللەندۈرۈش ئاپپاراتى كۆرگەزمە ئۆمىكى ، كورېيە تانجون چېگرا كۆرگەزمە ئۆمىكى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى 14 كۆرگەزمە ئۆمىكى كۆرگەزمىگە قاتناشتى .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر