باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي شەھىرى مەڭگۈ ئاياغلاشمايدىغان ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزمەكچى

2018.11.15 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەڭگۈ ئاياغلاشماس ئىمپورت كۆرگەزمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن «6كۈن+365 كۈن» يىلىغا كۆرگەزمە قىلىش سودا سەھنىسى ئارقا ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 6 كۈن + 365كۈن يىلىغا كۆرگەزمە قىلىش سودا سۇپىسى ــ بوستانلىق يەر شارى تاۋار سودا پورتى رەسمىي ئېچىلدى.

  بوستانلىق يەر شارى تاۋار پورتى ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 110مىڭ كىۋادرات مېتىر، جەمئىي 41 دۆلەتنىڭ 112 كارخانىسى ۋە تەشكىلاتى ئورۇنلاشتى. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ باش مۇدىرى سۈن چىڭخەينىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسى 3 ئايدا يەنە 20 دۆلەت دەرىجىلىك ئاپپارات ۋە كارخانا ئورۇنلىشىشى ، بوستانلىق يەر شارى تاۋار سودا پورتى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ كۆلەملەشكەن، ئەڭ تەسىرى كۈچكە ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىمپورت تاۋارلىرىنى يىغىش، تارقىتىش ئورنى، تۇنجى تارقىتىش ئورنىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىنكەن.

  كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ سۇپا سودىگەرلەرنى تاۋارلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، ئەشيا يەتكۈزۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، تاۋارلارنى سېتىش يوللىرىنى ئېچىش، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قېتىمدىلا بېجىرگىلى بولىدىغان مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ، چەتئەل كارخانىلىرىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي ئىمپورت سودا يېڭى يولىنى ئېچىپ بېرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر