باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېجوۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاڭ خۇەيجۈن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلدى

2018.11.13 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېجوۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاڭ خۇەيجۈن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  شاڭ خۇەيجۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  شاڭ خۇەيجۈن، ئەر، 1965- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، خەنزۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسى نىڭجىندىن، تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە، 1986- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2007- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى دېجوۋ شەھىرى نىڭجىن ناھىيەسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، نىڭجىن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋە لىنيى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2008 - يىلى 1- ئايدا دېجوۋ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 2011- يىلى 4- ئايدا دېجوۋ شەھىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2012- يىلى 2- ئايدا دېجوۋ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دېجوۋ شەھىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2017- يىلى 2- ئايدىن ھازىرغىچە دېجوۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر