باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتە مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت بىرلىكتە ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەرنى رەتلەپ تەرتىپكە سېلىشنى ۋە ئۇ خىل ھەيدىگۈچلەرنىڭ يەنە داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ بازارغا سېلىنىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىشنى ئۇقتۇردى

2018.11.09 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەرتىپسىز ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەر نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەنبەسىدىن تۇتۇپ باشقۇرۇشىنى كۈتۈۋالماقتا.

  بۈگۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار تەرىپىدىن بىرلىكتە تارقىتىلغان «ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى جايلاردا ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەرنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىقتىدارىنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلىتىلىۋاتقان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەرنى تېزدىن شاللىۋېتىش كېرەك. قىلىدىغاننى قىلمىغان رايون ۋە تارماقلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەر دېگەندە، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى، يەنى يۈرۈش سۈرئىتى تۆۋەن، داۋاملىق ھەيدەپ مېڭىش مۇساپىسى قىسقا، بولۇپمۇ باتارېيەلىك ئېلېكتىر ماشىنىسى قاتارلىقلاردىكى ھالقىلىق ئەسۋابلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ھەيدىگۈچلەر، يولۇچى ياكى يۈك توشۇيدىغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەر، تۆت چاقلىق توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەر ۋە ياشانغانلار ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە بازار سېلىنىش كۆلىمى تەرتىپسىز ھالدا كېڭەيمەكتە، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ سانى 100دىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە سېتىلىش كۆلىمى مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ئاستا سۈرئەتلىك توكسىكلىت قاتارلىق توكلۇق ھەيدىگۈچلەرنىڭ تەرتىپسىز ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى جەمئىيەتكە بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر