باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ۋە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا

2018.11.09 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخ يۈكلىگەن دەۋر مەسئۇلىيىتى.

  «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشى كېرەك». رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى پەرق ۋە ئىختىلاپتىن ھالقىپ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇشتىكى ئەخلاقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدەك تارىخىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، ئۇ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. بۇ ۋەزىيەتنى بۇرىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك باش كۆتۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشلا ئەڭ ئەقەللىي تاللاشتۇر. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىكى نەپكە ئېرىشكۈچى، شۇنداقلا تۆھپە قوشقۇچى. ئۆتكەن 40 يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمۇ چوقۇم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىدۇر. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئەمەلىي ھەرىكىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر