باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئون ئايدا ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى %11.3 ئاشتى

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاشتى

2018.11.09 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئالدىنقى ئون ئايدا، ئېلىمىز مال سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 25 تىرىليون 50 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 13 تىرىليون 350 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.9 ئاشقان؛ ئىمپورت قىممىتى 11 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %15.5 ئاشقان؛ سودىدىكى ئوڭ پەرق 1تىرىليون 650 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %26.1 كېمەيگەن.

  10-ئايدا، ئېلىمىز مال سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 750 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 1 تىرىليون 490 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %20.1 ئاشقان؛ ئىمپورت قىممىتى 1 تىرىليون 260 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %26.3 ئاشقان؛ سودىدىكى ئوڭ پەرق 233 مىليارد 630 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %5 كېمەيگەن.

  پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاشقان. ئالدىنقى ئون ئايدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى 9 تىرىليون 880 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %14.6 ئېشىپ، ئېلىمىز تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %39.4ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  ئادەتتىكى سودا تېز ئېشىپ ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ ئۆرلىگەن. ئالدىنقى ئون ئايدا ئادەتتىكى سودىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 14 تىرىليون 510 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %14.1 ئېشىپ، ئېلىمىز تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %57.9نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  ياۋروپا، ئامېرىكا، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئاساسلىق بازارلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى ئېشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئومۇمىيدىن يۇقىرى بولغان. ماشىنىسازلىق-ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى ئېشىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار ئازراق ئاشقان. خام نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئېشىپ، دادۇرنىڭ ئىمپورت مىقدارى كېمەيگەن، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئىمپورت ئوتتۇرىچە باھاسىدا ئۆرلەش-چۈشۈش بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر