11-ئاينىڭ 5-كۈنى، شياڭگاڭلىق ئارتىس گۇەن جىلىن كۆك ياقۇتلۇق مارجاننى كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. شىياڭگاڭدىكى چىرىستىئېس كىمئارتۇق سودا ئورنى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى «توز» دەپ ئاتالغان كەشمىرنىڭ تەبىئىي كۆك ياقۇتلۇق مارجىنىنىڭ يېقىندا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. چىرىستىئېس كىمئارتۇق سودا ئورنى بۇ مارجاننىڭ 95 مىليون شياڭگاڭ دوللىرىدىن 120 مىليون شىياڭگاڭ دوللىرىغىچە باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مارجانغا ئېغىرلىقى 109.08 كارات كېلىدىغان 21 تال كۆك ياقۇت قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي ياقۇتنىڭ ئېغىرلىقى 10.56 كارات كېلىدىكەن. (ۋۇ شياۋچۇ فوتوسى)