باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇ چۈنخۇا رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاكىموۋ بىلەن جۇڭگو - رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش كومىتېتىنىڭ 22- قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.11.08 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو رۇسىيە زۇڭلىلىرى قەرەللىك ئۇچرىشىش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خۇ چۈنخۇا11-ئاينىڭ 6 - كۈنى شاڭخەيدە رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، كومىتېتنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى ئاكىموۋ بىلەن جۇڭگو - رۇسىيە زۇڭلىلىرى قەرەللىك ئۇچرىشىش كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى . خۇ چۈنخۇا مۇنداق دېدى : بۇ يىل كىرگەندىن بويان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى . بۇ يىل 10 - ئايدا زۇڭلى لى كېچياڭ بىلەن زۇڭلى مېدۋېدېۋ كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئىككى تەرەپ كومىتېت مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ، ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئىمزالىغان ھەمكارلىق تۈرى ۋە كېلىشىمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش،ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش؛ يېزا ئىگىلىكى ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، قاتناش تىرانسپورت، مۇلازىمەت سودىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلۇپ ؛ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر