11-ئاينىڭ 5-كۈنى، كىشىلەر ئەنگلىيە كۆرگەزمە سارىيىنىڭ سىرتىدا ماڭماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەيدە باشلاندى. دۆلەتلەر سودا مەبلەغ ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى (دۆلەتلەر كۆرگەزمىسى) جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى مۇھىم مەزمۇن، بۇنىڭدا جەمئىي 82 دۆلەت، 3 خەلقئارا تەشكىلاتقا 71 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىندى. دۆلەتلەر كۆرگەزمىسىدە ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام، پاكىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، مىسىر، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ۋېنگرىيە، گېرمانىيە، كانادا، بىرازىلىيە، مېكسىكىدىن ئىبارەت 12 ئاساسىي مېھمان دۆلىتىگە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىندى. (ليۇ داۋېي، خەن يۈچىڭ فوتوسى)