باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇقراۋىي ئىگىلىكنى قوللاش سىياسەتلىرى ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلدى

2018.11.07 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن جايلار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى چىقىرىپ پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. يېقىنقى بىر ھەپتىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە يەرلىك نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارقا ئارقىدىن پۇقراۋىي ئىگىلىكنى قوللاش ھەققىدە يەنە يېڭى يېڭى سىياسەت تەدبىرلەرنى چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلىنىڭ پۇقراۋىي ئىگىلىكنى قوللىشى نۇرغۇن جايلارنىڭ سىياسەت جەھەتتە كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، بانكا مەبلىغىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋىي كارخانىلارغا بىۋاسىتە مەدەت بېرىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار جايلارنىڭ سىياسەت تىزىملىكىدىكى مۇھىم تاللاشقا ئايلاندى.

  بېيجىڭدا جۇڭگو خەلق بانكىسى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمى 7 مىليارد يۈەنلىك تەكرار دىسكونت سوممىسى مەخسۇس تۈرى تەسىس قىلىپ، كىچىك ،ئۇششاق كارخانىلار ۋە پۇقراۋىي كارخانىلارغا مەدەت بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا دەۋرىي ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەر يىلى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 12مىليارد يۈەن ھۆججەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بەرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ شىچېڭ رايونى، چاۋياڭ رايونى ۋە خەيدىيەن رايونى نۆۋەتتە پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى كارخانىلار دۇچ كېلىۋاتقان پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش تۇراقسىز بولۇش كىرىزىسىگە قارىتا بازارلاشقان فوند تەسىس قىلىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شاڭخەيدە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈچ 10 مىليارد يۈەن ئارقىلىق پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان 10 مىليارد يۈەنلىك فوند تەسىس قىلىش، ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا كىچىك پۇقراۋىي كارخانىلارنى 10 مىليارد يۈەنلىك كىرېدىت ۋە كېپىللىك قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەش، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى كۆلىمىنى 10 مىليارد يۈەنگە تەدرىجىي كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  جېجياڭ بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جېجياڭ بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەييارلىق گۇرۇپپىسى يېقىندا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ ۋە چىقىرىپ، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ كىرېدىت بېرىش كەسپىنى باھالاش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش،جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش،خاتالىقىنى سىغدۇرۇش، تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرېدىت ئىجازىتى قاتارلىق جەھەتلەردە دەل توغرا مەدەت بېرىدۇ، قەرز پۇلنى بېسىپ قويۇشقا، مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرغۇزۇشقا، ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر