باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش سەپىرى شىنجاڭغا كىردى

2018.11.05 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىللىق مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش سەپىرى شىنجاڭ بېكىتى (جۇڭگو سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ تىيانشان سەپىرى) پائالىيىتى11-ئاينىڭ2-كۈنى شىنجاڭنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا 50 مىليون 900 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مۇددىئالىق توختام ئىمزالاندى. بۇنىڭ بىلەن «2018-يىللىق مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى ئالتە كۈن داۋاملىشىپ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، خوتەن، قەشقەر، يوپۇرغىدىن ئىبارەت ئۈچ بېكەت بىرلىكتە 1مىليارد 178 مىليون يۈەن قىممىتىدە مۇددىئالىق كېلىشىم ئىمزالىدى.

  بۇ قېتىمقى «جۇڭگو سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ تىيانشان سەپىرى» پائالىيىتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى باشلاندى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا خوتەن، قەشقەر ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەت بويىچە 60 دىن ئارتۇق داڭلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قاتارلىق سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى يېزا-ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرگەن باشلامچى كارخانىلار، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، تېرىقچىلىق باقمىچىلىق ئائىلىلىرى قاتارلىق ئىككى يۈزدىن ئارتۇق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىرى بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلدى. پائالىيەتتە كۆرگەزمە قىلىش، مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، ئېتىز باشلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش بىلەن سېتىۋېلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، ئوبوروت ھالقىسى كۈچەپ ئازايتىلىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر