باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2018.11.05 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان چەتئەل كارخانىلىرى كۆرگەزمىگە داغدۇغىلىق تەييارلىق كۆردى. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كارخانىلار ياۋروپادىن كەلگەن كارخانىلار. ياۋروپانىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللىرى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى بىرىنچى بولۇپ ئېچىۋېتىش سىگنالىنى يەتكۈزدى، بۇ جۇڭگونىڭ سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى قەتئىي قوللاش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ياۋروپا كارخانىلىرى بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.، دېدى.

  «ئۈزلۈكسىز ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو»دېگەن سۆز ياۋروپا سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە بەرگەن بىردەك باھاسى.

  2018-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلغان سودا سوممىسى تەخمىنەن 205 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىش قىزغىنلىقى سۇسلاشمىدى. بىرىنچىدىن، ئۇلار جۇڭگو بازىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار بولدى، ئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ داۋاملىق ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغانلىقىغا ئىشەندى.

  جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپانىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو بىلەن ياۋروپا بىرلىكتە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشقا ئاتلىنىدۇ دەپ قارىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر