باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋردە كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى

2018.11.02 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھازىرقى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور بىر تەدبىر ۋە يېڭى دەۋردە كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. «يىرىك پىلان»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى بولسا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سادىق ۋە پاك بولغان، ھەمدە مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ۋە كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە پارتىيە ئىشلىرى ئىز باسارلىرىنىڭ بار بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كادىرلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش بولسا، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچى، ئۇل خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە يېڭى تارىخىي بۇرچ يۈكلەندى. دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تاشقى مۇھىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلار ئالدىدا پۈتكۈل پارتىيەدىكىلەر ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر