باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىركىتى لائوسقا تۇنجى قېتىم تۈركۈملەپ تەييار ماي ئېكسپورت قىلدى

2018.11.01 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى (يەنى جۇڭگو نېفىتى) قارمىقىدىكى يۈننەن جۇڭگو نېفىت خەلقئارا كەسپىي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەرىپىدىن كۇنمىڭدا قاچىلىنىپ توشۇلغان تەخمىنەن 64 توننا دىزېلىن، 31- چېسلا جۇڭگو- لائوس چېگراسىدىن ئۆتۈپ، لائوسنىڭ مودىڭ چېگرا ئېغىزىدا لائوس خېرىدارىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇ، جۇڭگو شىركىتىنىڭ دۆلىتىمىزدە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان تەييار مايلىرىنى لائوسقا تۇنجى قېتىم تۈركۈملەپ ئېكسپورت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، "جۇڭگو نېفىتى" «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى پائال تۈردە ئاچقان. ئۇنىڭ قارمىقىدىكى شىركەت 2016- يىلىدىن باشلاپ، لائوس بازىرىنى ئېچىشقا باشلىغان، ئىككى يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، لائوسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېكسپورت قىلىش باشلانغان. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگونىڭ تەييار مايلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبتىكى قۇرۇقلۇققا ئېكسپورت قىلىنىش يولى يەنىمۇ كېڭەيتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر