باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ۋاكالەتچى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.10.31 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ۋاكالەتچى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى»نى بېسىپ تارقاتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ۋاكالەتچى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە پارتىيە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، نوپۇزلۇق ۋە ئۈنۈملۈك بولغان نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتەك نىشان ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارنىڭ نازارەت قىلىشى بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك ھالدا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى ئاستىدا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا نازارەت قىلىشقا تەشكىللەشنىڭ مۇھىم بىر شەكلى بولۇپ، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش سىستېمىسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى ۋە پارتىيەنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋاكالەتچى ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارنىڭ نازارەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارغا رېۋىزىيە فۇنكسىيەسىنى بېرىپ، فۇنكسىيە، ئۇسۇل ۋە ئىستىلنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى:ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارغا بولغان رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ۋاكالەتچى ئاپپاراتلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىنىپ ۋە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلىدۇ. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان، ھەمدە بۇ ئىشقا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (دائىمىي كومىتېت) بىلەن دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (ئەزاسى) مەسئۇل بولىدىغان، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، ماسلاشتۇرۇپ ۋە ماسلىشىدىغان ۋاكالەتچىلىك خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارغا بولغان يېتەكچىلىك، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر