باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان ئاياللار

__ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك خاتىرىسى

2018.10.30 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىگە ئىنتىلىش ئۇلۇغ بىر ئىش. تارىخقا نەزەر سالساق، ئەگەر ئاياللار ئازاد بولمىغان ۋە ئىلگىرىلىمىگەن بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئازادلىقى ۋە تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى.»2015-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، نىيۇيوركتىكى ب د ت باش شتابىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئاياللار خىزمىتى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا «ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىلىنىش» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، جۇڭگو ئەمەلىيىتىدىن كىشىلەرنى ھەمبەھىرلەپ، جۇڭگو تەشەببۇسىنى ۋە جۇڭگو تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى ۋە ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ چوڭ بىر ئەندىزىگە، يەنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»نىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ھالدا ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئەندىزىگە كىرگۈزۈپ، ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى، ھەمدە ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار ۋە ئاياللار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.نەتىجىدە، ئاياللار ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، ھەمدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ئاياللار تەرەققىياتىنىڭ يولى بارغانسېرى كېڭەيدى.

  يېڭى دەۋردىكى يېڭى بۇرچ __ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاياللار ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يىراقنى كۆزلىگەن ئاساستا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئاياللار خىزمىتىنى پىلانلاپ بەردى.

  سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك تاپشۇرۇق، ھەم باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچ __

  «پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش __ ئەمەلىيەتتە ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇش ئىشىغا چېتىلىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەش ئىشىغا چېتىلىدۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئىشىغا چېتىلىدۇ».2013-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 11-نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.سۆھبەت ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە بولغان سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى مەركەزلىك شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  باش شۇجى دەۋر تېمىسى توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى، ھەم شۇنداقلا ھازىرقى زامان جۇڭگو ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسى ھېسابلىنىدۇ.

  باش شۇجى تەرەققىيات يولى توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ئاياللار تەرەققىياتى يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش بولسا، ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى باراۋەر ھالدا ۋە قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا باراۋەر ھالدا قاتنىشىشى، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن باراۋەر ھالدا تەڭ بەھرىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتىكى توغرا يولدۇر.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر