باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار مۇزېيىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نامايان قىلىندى

2018.10.30 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار مۇزېيىنى پىلانلاش كۆرگەزمىسى ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى يېقىندا قانات يايدۇرۇلدى، نەچچە مىڭدىن ئارتۇق مائارىپ-مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۇڭزى يۇرتىدىكى مەكتەپ چۈفۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا توپلىنىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتىكى تارىخىي سالمىقى، ئادىمىيەت چوڭقۇرلۇقى ۋە دەۋر تېمپېراتۇرىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار مۇزېيىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى مەملىكەت ئىچكى-سىرتىدىن قوبۇل قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ماتېرىياللار، ئارخىپ ۋە ماددىي بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. پىلانلاپ قۇرۇلغان بۇ جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار مۇزېيى نۆۋەتتە چۈفۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي پىلاندا ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 موغا، قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭدا، «مىللىي مەدەنىيەت ئەسلىمىلىرى، مائارىپ تارىخىي مىراسلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنىۋى ماكانى» سۈپىتىدىكى ئورنى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسەت دۆلىتىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار مەدەنىيىتىنى ئاساسىي تېما قىلغان، ھەمدە زامانىۋى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىگە ئىگە مەخسۇس تېما تۈردىكى بىر تۇنجى مۇزېينى بەرپا قىلىشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر