باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شيامېن يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش شەھىرى ئېكولوگىيەلىك باغچە شەھىرىگە ئايلاندى

2018.10.22 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شيامېن ئېلىمىزدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ بىرسى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، شيامېن تەكشى تەرەققىياتىنى يولغا قويۇپ، دېڭىز بويىدىكى كىچىك شەھەردىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش شەھىرى ۋە چىرايلىق ئېكولوگىيەلىك باغچە شەھىرىگە ئايلاندى.

  بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، مەملىكەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۇدا تۆت يىغىن، مۇسابىقە شىيامېندا ئۆتكۈزلدى. شيامېن مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان راك كېسىلىنى داۋالاش تەجرىبە دورىلىرىمۇ دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە شيامېن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتىن ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، يۇمشاق دېتال ئۇچۇرى قاتارلىقلار يېتەكچى قىلىنغان بىلىم زىچلىقى تىپىدىكى مۇلازىمەت كەسپىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى.ھازىر شيامېندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپى پۈتۈن شەھەردىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

  شيامېن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان كاربون قويۇپ بېرىش بۇلۇت باشقۇرۇش سۇپىسى پۈتۈن شەھەردىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى 69كارخانىنى باشقۇردى ۋە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، يۇقىرى بۇلغىمىلىق كەسىپلەرنىڭ شيامېنغا ماكانلىشىشىنى توستى. ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپ، سۈپەتلىك مائارىپ، داۋالاش، سودىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى شيامېن ئارىلى سىرتىدىكى تۆت مەمۇرىي رايونىغا يىغىلدى. ھازىر شيامېن ئارال ئىچى – سىرتى بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك باغچە شەھىرىگە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر