باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

16-نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە تۇنجى قېتىم يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى تەسىس قىلىندى

2018.10.22 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 11-ئاينىڭ باشلىرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە تۇنجى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى تەسىس قىلىنىدۇ.

  بۇ يىل يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى جايلارنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى مەركەزلىك نامايەن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇنجى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باش تېمىسىدىكى مۇنبەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە مۇھىم نۇقتا كۆك نامرات رايونلارغا مەركەزلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى بازار ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ كې مۇنداق دېدى : ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 14 ئاساسلىق مەسئۇلى سەھنىگە چىقىپ تونۇشتۇرىدۇ. يېڭىلىق يارىتىشنى تونۇشتۇرۇش ۋە سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق، باھالاش ئۆمىكى ۋە سېتىۋېلىش ئۆمىكى تونۇشتۇرغان يېڭىلىقلار كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى بىلەن مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ يەرشارى يېزا ئىگىلىكنىڭ جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى » بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 50 گە يېقىن دۆلەت ياكى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ تەخمىنەن 100 نەچچە ۋەكىلى قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 30 مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىل بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر