خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيۋەندە شۇلىندىن تەيدۇڭغا بارىدىغان بىر پۇيۇما پويىزى 21- چېسلا سائەت 16دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يىلەندە رېلىستىن چىقىپ كېتىشتەك ئېغىر دەرىجىدىكى ۋەقە يۈز بەردى. سائەت 22دىن 42 مىنۇتقىچە، بۇ ۋەقەدە 18 ئادەم قازا قىلدى، 164 ئادەم يارىلاندى.
تەيۋەن تۆمۈريول باشقۇرۇش ئىدارىسى 21- چېسلا كەچتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پويىزدا جەمئىي سەككىز ۋاگون بولۇپ، پويىز شىنما ۋوگزالىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ۋاگونلارنىڭ ھەممىسى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ۋاگون ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ۋاگونلاردا 366 نەپەر يولۇچى باركەن. ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى