باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئۇدا بىرنەچچە يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

2018.10.22 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن 2018- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا كانچىلىق يىغىنىدا، جۇڭگو ئالتۇن ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سوڭ شىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئۇدا بىرنەچچە يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، يەنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى پەقەت جەنۇبىي ئافرىقىدىن كېيىنكىلا ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ساھە بويىچە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.

  سوڭ شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017- يىلى، مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان ئالتۇن مىقدارى 426.14 تونناغا يەتكەن بولۇپ، يەر شارى بويىچە ئالتۇن ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ %13.03ىنى ئىگىلىگەن، ئالتۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىچىدە ئۇدا 11 يىل پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. شۇ يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالتۇن ئىستېمال مىقدارى 1089.07 تونناغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 59.41 توننا ئاشقان، بۇنىڭ بىلەن، ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەشتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ئىستېمالىدىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ قالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالتۇن بازىرى تېز يېتىلدى، ئالتۇن سودا مىقدارى (بىر تەرەپلىك) دۇنيا بويىچە 3- ئورۇندا تۇردى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالتۇن بازىرى سودا مىقدارى (بىر تەرەپلىك) جەمئىي 55 مىڭ تونناغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ.

  ئالتۇن بايلىقىنىڭ زاپىسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ كەلدى. 2017ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئالتۇن بايلىقى زاپىسىنىڭ مىقدارى 13 مىڭ 195.6 تونناغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.45 ئاشقان، بۇ جەھەتتە جەنۇبىي ئافرىقىدىن كېيىنكىلا ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، يەر شارى بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئالتۇن بايلىق زاپىسىنىڭ مىقدارى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر