باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇتقۇزۇش دۆلەتلىك قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش رامكا لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.10.19 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇتقۇزۇش دۆلەتلىك قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش رامكا لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «رامكا لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ج خ ئورگانلىرى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچىلار ئورمان قىسىملىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇتقۇزۇش دۆلەتلىك قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاساسىي كۈچ قوشۇنى ۋە دۆلەتلىك قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلدى. مەزكۇر «رامكا لايىھەسى» بىر ئومۇمىي لايىھە، ھەمدە ۋەزىپە دەرىجىسى تەرتىپىنى تەسىس قىلىش، خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشلىتىش، چېكىنىشنى باشقۇرۇش ۋە كەسپىي كاپالەت قاتارلىق 3 بالا لايىھەدىن تەركىب تاپقان.

  ئوتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇتقۇزۇش دۆلەتلىك قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش بولسا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئېلىمىزنىڭ ئاپەت ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇش ئاساسىدا چىقارغان مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. زۇڭلى لى كېچياڭ تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر «رامكا لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقىشتا، جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلاردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى، ھەمدە ھەر تەرەپنىڭ شۇ پىكىرلىرىگە ئاساسەن، ئۇنى قايتا-قايتا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى.

  ئوتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇتقۇزۇش دۆلەتلىك قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە شۇنىڭدىن ئىبارەت: يەنى، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئوتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇتقۇزۇش دۆلەتلىك قوشۇنىغا بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش ۋە مەخسۇسلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، ھەمدە نوپۇزلۇق رەۋىشتە ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا دۆلەتنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ياخشىلاپ، قوشۇن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ماھارىتى يۇقىرى ۋە ئىنتىزامى چىڭ بولغان جۇڭگوچە ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر