باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: جۇڭگو ھازىر چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سالىدىغان ۋە مەبلەغنىڭ ئېقىش مىقدارى ئەڭ زور بولغان دۆلەتكە ئايلاندى

2018.10.19 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو تەرىپىدىن جەلپ قىلىنغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ بىۋاسىتە سېلىنمىسى %6 ئاشقان، ھەمدە ئۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولۇپ، جۇڭگو ھازىر پۈتۈن يەر شارى بويىچە چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغلىرى ئېقىپ كىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانىلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جەن شىياۋنىڭ مۇنداق قارىدى: سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ھەمدە تاشقى مەبلەغكە ئىچكى بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىش بولسا، جۇڭگونىڭ چەتئەل مەبلىغىنى دۆلەت ئىچىگە جەلپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

  گەرچە جۇڭگودا ئەمگەك كۈچى ۋە يەر-زىمىن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى يۇقىرىلاپ كېتىشتەك ھادىسىلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن، جۇڭگو جەلپ قىلغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. مەسىلەن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خېلى نۇرغۇن دۆلەتلەر 41 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى جۇڭگونىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلىرىگە بىۋاسىتە سالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، نەتىجىدە، جۇڭگو جەلپ قىلغان چەتئەل سېلىنمىسىنىڭ ئېقىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مىقداردا بولۇشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى يارىتىشتا رېكورت يارىتىلدى. جۇڭگونىڭ چەتئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىم ئاشتى. بۇنىڭدا ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خېلى بۇرۇنلا ھەقىقىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ رايون تارقىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش نەتىجىسىدە، ئەركىن سودا سىناق رايونى تاشقى مەبلەغلەرنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، غەربىي رايونلارنىڭ تاشقى مەبلەغلەرنى جەلپ قىلىشتىكى ئېشىش ھالىتىمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، بولۇپمۇ مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەت كەسپى ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئۇ بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەر چەتئەلنىڭ بىۋاسىتە سالغان مەبلەغلىرىنى جەلپ قىلىش جەھەتتىكى رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇردى. بۇ، دۇنيا سودا مۇناسىۋىتى جىددىي ۋە كۆپ تەرەپلىك تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا يەنىلا ئىشەنچىسى كامىل ئىكەنلىكى، جۇڭگونىڭ يەنىلا چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سالىدىغان ياخشى بىر مەنزىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر