باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىنى داۋالاش تورى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ

يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلاردا مەۋجۇت بولىۋاتقان ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشتىكى كېسەل تۈرى 21 خىلغىچە كېڭەيتىلدى

2018.10.17 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى بۈگۈن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: ئېلىمىزدە بالىلاردىكى ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشنى باشقۇرۇشنىڭ مەخسۇس تورى ئورنىتىلغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بارلىق كىشىلەر ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمىلىك مۇلازىمەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

  يېقىندىن بېرى، ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشنى باشقۇرۇش خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. يېزىلاردا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات بالىلارنى مەخسۇس قۇتقۇزۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات بالىلاردىن 4236سى قۇتقۇزۇلدى. 2017- يىلى 2- ئايدىن 2018- يىلى 9- ئايغىچە، ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئىلگىرىكى %49دىن ھازىرقى %81گە كۆتۈرۈلدى.

  بالىلاردىكى ئاق قان كېسىلى بولسا، بالىلىق مەزگىلدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزدە ھازىر بالىلاردىكى ئاق قان كېسىلىدىن ئىبارەت (15 ياشتىن تۆۋەن) بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى 0.000004دىن 0.000005غىچە. ئەگەر ئۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى 18 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلارغىچە كېڭەيتىلسە، ئۇنداقتا ھەر يىلى يېڭىدىن پەيدا بولغان بىمار بالىلارنىڭ سانى 15 مىڭغا يېتىدۇ، ھەر بىر داۋالاش باسقۇچى ئوتتۇرىچە 2 يىلدىن 3 يىلغىچە بولۇپ، ھەر يىلى داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 45 مىڭغا يېتىدۇ. نۆۋەتتە، جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرە ئاق قان كېسىلىنىڭ ساقىيىش (يەنى كېسەل ۋەزىيىتى پەسەيگىلى 5 يىلدىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ) نىسبىتى %70تىن ھەتتا %80 دىن يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر بۇ خىل كېسەل ساقىيىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدىغان يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە، دەپ قارالماقتا. جىددىي خاراكتېرلىك يىلىك ھۈجەيرە ئاق قان راكىنىڭ ئومۇمىي ساقىيىش نىسبىتى ئىلگىرىكى %50تىن ھازىرقى %70گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، جىددىي خاراكتېرلىك گۆدەك دانچىلىق ھۈجەيرە ئاق قان كېسىلىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى.

  دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ ياخۇي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىنى داۋالاش تورى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىنى دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ۋە قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە نۇقتىلىق دوختۇرخانىلار بېكىتىلىپ، بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىنى دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى باشقۇرۇش تورى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئائىلە دوختۇرى توختامى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈلۈپ، قۇتقۇزۇشنى تەشكىللەش ۋە قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈش ياخشى ئىشلىنىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، بۇ خىل بالىلار ئائىلىدە ۋە مەھەللىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى كونترول قىلىش ۋە ساغلاملىق يېتەكچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر