باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باياۋاندا بەرپا قىلىنغان «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە − يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە يېڭى سەھىپە)

− شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش خاتىرىسى (1)

2018.10.12 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈپتۈز ئاق تېرەكلەر يول بويىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ، ھال رەڭ ئالما شاخلىرى ئېگىلىپ تۇراتتى. يەنە بىر مول ھوسۇللۇق ئالتۇن كۈز كەلدى!

  لېكىن، كىشىنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغىنى بۇ يەر ئىلگىرى چۆللۈك بولۇپ، بۇ يەردە ئىلگىرى قۇم-شېغىللار ئۇچۇپ، قۇشلارمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايتتى. بىراق ھازىر بۇ بوستانلىقنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 153 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، كەڭلىكى 47 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتر كېلىدىغان، ئېكولوگىيەلىك ئورمان، ئىقتىسادىي ئورمان بىر گەۋدىلەشكەن «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» بەرپا قىلىندى.

  32 يىللىق كۈرەش قىلىش، توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ يەردە زېمىن يېشىللىشىپ، ئاسمان كۆكەردى، يامغۇر كۆپ يېغىپ، ئېكولوگىيە ياخشىلاندى. بولۇپمۇ كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغىنى پۇقرالارنىڭ چۆنتىكىمۇ تومپايدى.

  بۇ يەر − شىنجاڭ ئاقسۇدىكى كۆكيار.

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۆزى بايلىق. ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىش − خەلق رايى ھەمدە خەلق تۇرمۇشى. كۆكيارنى كۆكەرتىش خۇددى بىر شەبنەمگە ئوخشاش ئاقسۇ خەلقىنىڭ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغان جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  32 يىلدىن بۇيان، ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «پۈتۈن پارتىيە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئومۇمىي خەلق قول سېلىپ ئىشلەش، قۇم- بوراننى تىزگىنلەپ، زىمىننى كۆكەرتىش، خەلققە بەخت يارىتىش» فاڭجېنى بويىچە، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان يېشىللاشتۇرۇش مارشىنى ياڭراتتى.

  ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيا خوڭۋېي: «قۇرۇلۇش باشلانغاندىن تارتىپلا ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ھالقىسى نەزەردە تۇتۇلدى، تېرەك، توغراق، جىگدىدىن تەركىب تاپقان شامالدىن مۇداپىئەلىنىش تېمى ئارقىسىدا، ئۇلار بىلەن بىللە تىكىلگىنى ئالما، ئۆرۈك، ياڭاق قاتارلىق ئىقتىسادىي ئورمانلار بولدى»، دېدى.

  ئاقسۇ رايونىدا قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، يېشىل ئورگانىك مېۋىچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەل شارائىتىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردا، ئاقسۇدا ئالما، ياڭاق، چىلان ئاساس قىلىنغان ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 4 مىليون 500 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللەندۈرۈلدى، ۋىلايەت بويىچە ئورمانچىلىق-باغۋەنچىلىك كۆلىمى شىنجاڭ ئورمانچىلىق-باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىلدى.

  ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ چېكى يوق. كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقسۇلۇقلار دىققەت-نەزەرىنى تېخىمۇ يىراققا تىكتى.

  2015-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ۋىلايەتتىكىلەرنىڭ كۈچى سەرپ قىلىنىپ ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى، كوڭتەيلىك رايونىدىن ئىبارەت «ئىككى دەريا، بىر رايون»دىكى ئۈچ تۈرلۈك مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشى پىلانلىنىپ يولغا قويۇلدى. بۇ، كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش، مېۋىچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش، ساياھەت-ئىستراھەت بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 982 مىڭ 300 مولۇق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ دەرياسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى پۈتتى.

  ئاقسۇ سۇلۇق يەر باغچىسىغا كىرگەندە، كىشى ئۆزىنى جياڭنەنگە بارغاندەك ھېس قىلىدۇ. بىر تەرەپتە شەھەر ئىمارەت توپى، يەنە بىر تەرەپتە دەريا، كۆللەر بار. ئاققوتان، تادورنا ئۆردىكى، ئاق چايكا قاتارلىقلار بۇ يەردە توپلىشىپ ماكانلاشقان، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھ، يېشىل ئوت-چۆپلەر يىراققا تەلپۈنگەن. بۇ يەرگە كېلىپ تويلۇق سۈرەتكە چۈشىدىغان ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ چىرايىدا پارلاق تەبەسسۇم جىلۋىلىنىدۇ.

  «بۇ يەردە ئەسلىدە بىر تۈپمۇ دەرەخ يوق، ھەممىلا يەردە ئەخلەت بار ئىدى، يەنە نەچچە ئون بېلىق كۆلچىكى بار ئىدى» ، ئاقسۇ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى لياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، مۇخبىر ھەيران قالدى.

  سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ كۆلىمى 1800 مو، سۇ دائىرىسىنىڭ كۆلىمى 742 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەت قىلىدىغان، دەم ئالىدىغان، كۈتۈنىدىغان ياخشى جايى بولۇپ قالدى. قۇرۇلۇشقا تەخمىنەن 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يېقىندا قۇرۇلۇش پۈتۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر