باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇجۇ ئالدىدا مېڭىشقا ۋە جان تىكىپ بۆسۈشكە جۈرئەت قىلالايدۇ (ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. 100 شەھەر، 100 ناھىيە ۋە 100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى)

2018.10.12 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جياڭسۇنىڭ سۇجۇ شەھەرلىك كومىتېتى قورۇسىنىڭ 12- نومۇرلۇق بىناسىدا كادىرلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش مەقسەت قىلىنغان بىر مەيدان يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا بىر پارچە سىن كۆرسىتىلدى، كونشەن، جاڭجياگاڭ ۋە سانائەت رايونلىرىنىڭ پېشقەدەم كادىرلىرى بەس ـ بەستە ئېكراندا نامايان بولدى، «مەن چوقۇم قىلىمەن، ھەرگىز چېكىنمەيمەن»،«ھېچ كىمگە تايىنىۋالماي ۋە ساقلاپ تۇرماي، ئوخشاشلا ئۆزىمىز مەبلەغ تەييارلاپ ئېچىش رايونى قۇرىمىز» قاتارلىق تېمىلاردىكى تارىخىي كۆرۈنۈشلەر، سەمىمىي گەپ-سۆزلەر، مانا بۇلار تۆۋەندە ئولتۇرغان كادىرلارنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

  40 يىلدىن بۇيان، سۇجۇدىكى كادىرلار ۋە ئامما باشتىن-ئاخىر ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا بوشىماي چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، شاڭخەي پۇدۇڭ رايونىنى ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىش قاتارلىق زور تارىخىي پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، «جاڭجياڭ روھى»، «كۈنشەن يولى»، «باغچە رايونى تەجرىبىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرنى شەكىللەندۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ،تىرىشىپ بىرىنچى بولۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدە، سۇجۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1978- يىلىدىكى 3 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن، تەرەققىيات قىلىپ 2017ـ يىلىدىكى 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  8-ئاينىڭ 6- كۈنى، مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ناھىيەنىڭ باشلامچىسى بولغان كۇنشەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر سۇجۇ شىياڭچېڭ رايونىدا تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشتە بولدى. كۈنشەننىڭ 2017-يىللىق GDP سى 350 مىليارد يۈەنگە يەتتى. گەرچە كۆپلىگەن سېلىشتۇرۇشلار ئارقىلىق، شياڭچېڭ رايونىنىڭ كەسىپ ئاساسىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز ئىكەنلىكى بايقالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ 2017- يىللىق GDP سى 70مىليارد يۈەنگە يەتتى. «ئىلغار ئوقۇغۇچى» «ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى»دىن نېمىنى ئۆگەندى؟ كۇنشەن شەھەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى «جان تىكىپ تىرىشىش»نى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

  سۇجۇنىڭ «كېيىن تەرەققىي قىلغان رايونى» بولغان شياڭچېڭنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىيىتى قېرىنداش شەھەر-رايونلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان ئىدى. كۈنشەن شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇ چېنجۈننىڭ قارىشىچە، شياڭچېڭ رايونىنىڭ «جان تىكىپ تىرىشىش»ىنى شېنچياۋ كەنتىنىڭ مۇھىتنى تۈزىشىدىن كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. شېنچياۋ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شىن شۆگېننىڭ دېيىشىچە، شۇ بىر مەزگىلدە، كەنت كادىرلىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بۇ ئىش ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش دائىملىق ئىشقا ئايلانغان ئىدى. قىسقىغىنا بىر يىلدا تارقاق، رەتسىز، مەينەت كارخانىلارنى كۆچۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى ھەمدە يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر