باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىغا بارغاندا نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدۇ

2018.10.12 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- چېسلا، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ۋە سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە، سۇچىلىقتا نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش ۋە يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش سىن كۆرسەتمە يىغىنى ئاچتى. مەلۇم بولۇشىچە، «13- بەش يىللىق پىلان» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئالدىن ھەل قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تاكى بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز جەمئىي 14 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇردى، جايلاردا 100 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، 136 مىليون ئادەمنىڭ نەپكە ئېرىشىشى مۇستەھكەملەندى ۋە ئۆستۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 147 مىليون 800 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ سەندوڭ، چۇڭچىڭ ۋە گەنسۇ قاتارلىق 3 ئۆلكە (شەھەر)دە يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى باشلامچىلىق بىلەن تاماملاندى.

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان «سۇچىلىقتا نامراتلارنى يۆلەشنىڭ 3- يىللىق ھەرىكەت پىلانى(2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)نى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، 20 مىليون مو سۇغىرىش كۆلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى سۇ ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 60 مىڭ نامرات ئائىلىگە دەل جايىدا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر