- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەينەن ئەركىن سودا رايونى (پورت) بۆلەكلەر زەنجىرى سىناق رايونى قۇرۇلدى
2018.10.10 15:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، خەينەن ئەركىن سودا رايونى (پورت) بۆلەكلەر زەنجىرى سىناق رايونى مۇھىم تىرەك سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەينەن ئېكولوگىيە يۇمشاق دېتال سانائەت رايونى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بۆلەكلەر زەنجىرى تەتقىقات مەركىزى بىرلىكتە قۇرغان «ئوكسفورد خەينەن بۆلەكلەر زەنجىرى تەتقىقات ئورنى» يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باغچە رايونى يەنە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتى بۆلەكلەر زەنجىرى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پەن-تېخنىكا تەجرىبىخانىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «بۆلەكلەر زەنجىرى سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى»نى قۇردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خەينەن ئۆلكىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق نازارىتى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى خەينەن ئەركىن سودا رايونى (پورت) بۆلەكلەر زەنجىرى سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەردە پائال يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر