باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.10.10 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتچىلىقنى قەتئىي تۈگىتىش ئۈچۈن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، نۆۋەتتە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.

  1. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك

  تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى بولسا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ھەمدە لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە، ھەمدە پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاپ، كەڭ كادىرلارنى ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىغا رىغبەتلەندۈرشنىڭ مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلمەكتە، ئۇنىڭ ئىلھام بېرىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى دىرىژورلۇق تايىقىلىق رولى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇلماقتا، شۇڭا ئۇنى چوقۇم بوشاشماي داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. شۇنداقتىمۇ يەنە ھەرخىل-ھەر ياڭزا بولۇش ۋە كۆپ قېتىم تەكرارلىنىش، پەقەت ئىز قالدۇرۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي نەتىجىگە سەل قاراشتەك بىر قاتار مەسىلىلەرمۇ يەنىلا مەۋجۇت، ھەمدە يەرلىك ۋە ئاساسىي قاتلاملار يېتىشەلمەسلىك، ئېغىر يۈككە چىدىماسلىق، كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇشتەك مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا پايدىسىز، يەنە شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تۈزىتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى تۆۋەندىكىچە : شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۆز ئۈلگە بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىپ، كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىشىنى قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر