- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سوغۇق ھاۋا ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
جەنۇبتىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ
2018.09.27 15:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 25- سېنتەبىر سائەت 18دە ئېلان قىلغان ھاۋا رايى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە : بۈگۈن كۈندۈزدە، خۇنەننىڭ غەربىي شىمال قىسىمى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىمى، چۇڭچىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە يۈننەننىڭ دېخۇڭ رايونى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا ئارىلاش يامغۇر ياققان. شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى ۋە سانجى قاتارلىق جايلىرى، سەنشىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمى، خېنەننىڭ غەربىي قىسىمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغقان. ئۇندىن باشقا، جېجياڭ ۋە فۇجيەننىڭ شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا 7 - 9 بال ئۆتكۈنچى شامال چىققان، شىنجاڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا 10 - 11 بال ئۆتكۈنچى شامال چىققان.
مەركىزى مېتېرىئولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 25- سېنتەبىر كەچتىن 28- سېنتەبىرگىچە سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ شىمالى قىسىمى، غەربىي شىمالدىكى رايونلار، ئىچكى موڭغۇل، شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 4 بالدىن 6 بالغىچە شامال چىقىپ، تېمپېراتۇرا ℃4 ~ ℃6 قىچە ، قىسمەن جايلارنىڭ تېمپېراتۇراسى ℃8 ~ ℃10 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇرھال يامغۇر ياغىدىكەن، يەنە بەزى قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى بوشلۇق ئوقۇرى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى سىلجىش دېفورماتسىيەسىنىڭ تەسىرىدە، مۆلچەرلىنىشىچە، 25 - سېنتەبىر كېچىدىن 27- سېنتەبىرگىچە غەربىي جەنۇبتىكى رايونلارنىڭ شىمالىي قىسىمى ۋە جەنۇبىي قىسىمى، خۇنەننىڭ شىمالى، خۇبېينىڭ غەربى قىسىمى، گۇاڭشىنىڭ غەربى ۋە شىمالى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك يامغۇر يېغىش قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر