باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسى: بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىشى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا باغلىنىشلىق

2018.09.25 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ياخشىلايدىغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى، مەسىلەن: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىشنى يولغا قويۇش ۋەھاكازالار. بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى قانداق بولدى؟ يەنە قايسى جەھەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؟ گوۋۇيۈەن يېقىندا بىر قانچە كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنى يەرلىك ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى كۆزىتىشكە ئەۋەتتى.

  بىر قىسىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خادىم قوبۇل جەريانىدىكى قەستەن جىنس، ئوقۇش تارىخى قاتارلىق كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلىمە بېكىتىش قىلمىشىنى قاتتىق تۈزىتىش كېرەك.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. كۆزىتىشتە بايقىلىشىچە، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش، كەسپىي ماھارەت يېتىشتۈرۈش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلانغان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تۈرتكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمگەك كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سىياسەت ھۆججەتلىرىنى تەييارلاپ، تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 8 مىليون 200 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تۆت مەيدان مەملىكەت خاراكتېرلىك يىغىن ئېچىپ، 20 ئۆلكىنى قاپلىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆزىتىپ، جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ «ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» «ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى» قاتارلىق تۈرلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىگەن.

  كۆزىتىشتە بايقىلىشىچە، جياڭسۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى دەل جايىدا قوبۇل قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى يولغا قويغان؛ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 148 مىڭ 300 كىشى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8ئاشقان؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش بويىچە قالدۇرۇلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى پائال ياخشى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە پائال مەدەت بەردى. ھازىر پۈتۈن ئۆلكىدىكى دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىق يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر 1 مىليون 145 مىڭ 300 كىشىگە يېتىپ، 7 مىليون 163 مىڭ 800 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى بولدى، لېكىن كۆزىتىشتە يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر بايقالدى، مەسىلەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىشنى خىزمەت توختامىغا باغلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىش داۋاملىق مەۋجۇت بولۇش قاتارلىقلار. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مۇنداق قارىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك، بولۇپمۇ قىسمەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى قەستەن جىنس، ئوقۇش تارىخى قاتارلىق كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلىمە بېكىتىش قىلمىشىنى قاتتىق تۈزىتىش كېرەك.


  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر