باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى سەككىز ئايدا بېيجىڭدا تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.9 تۆۋەنلىدى

2018.09.25 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى ئۈچ مىليون 542مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.9 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى ئىككى مىليون 663 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪22.7 تۆۋەنلىگەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ يېڭىدىن ئىش باشلىغان كۆلىمى 12 مىليون 800 كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ يېڭىدىن ئىش باشلىغان كۆلىمى 6 مىليون 570 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشقان. 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن ئىش باشلاش تۈرلىرى ئۈچۈن نەقلەشكەن مەبلەغ 318 مىليارد 610 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪22.7 تۆۋەنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر