باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مەسئۇل كىشىلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىشىغا قارىتا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پىكىر بايان قىلدى

2018.09.25 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مەسئۇللىرىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىشىغا قارىتا پىكىر بايان قىلدى.

  9- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى جۇڭگونىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمى ۋە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مەسئۇلىنى جازالاشنى قارار قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارمىيەسى بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلەنگەنلىكى ۋە قەتئىي قارشى تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكىغا بۇ ھەقتە قاتتىق سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقى بولسا، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ھەمكارلىق ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى بولسا، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق، ھەمدە زومىگەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ دەرھال خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئاتالمىش جازالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز، بولمىسا ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە چوقۇم مەسئۇل بولۇشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر