باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشتا، كارخانىلارنىڭ يۈكى ئومۇمەن ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ (قايتۇرما جاۋاب)

2018.09.21 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى باج تارماقلىرى تەرىپىدىن بىرتۇتاش ئېلىنىدۇ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى قاتارلىق تۆت تارماقنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى 19-سېنتەبىر ئىنكاس قايتۇردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا يىغىش ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باج تارماقلىرى بىرتۇتاش ئالىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا يىغىش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى دەل يۈرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، جايلارنىڭ بىردەك ئۆز ئالدىغا يىغىش سىياسىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ»، «كارخانىلىرىنىڭ تارىخىي قەرز پۇلىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ»غانلىقىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. ھازىر جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇتا يىغىش ئاپپاراتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بىلەن باج تارماقلىرى كۈچنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسىنى ئاكتىپ بەرپا قىلىپ ھەمدە ئىسلاھات خىزمىتىدە پەقەت باج ئېلىش سۇبيېكتىنىلا ئۆزگەرتىش، ئەسلىدىكى سىياسەتنى داۋاملىق يۈرگۈزۈش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يىغىش سۇبيېكتىنى بىر تۇتاش قىلىش __ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يۇقىرىقى ئىسلاھات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، كارخانا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ روھى بويىچە، ئەستايىدىل تەھلىل قىلىنىپ، چىڭ تۇتۇپ مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش، ئومۇمىي جەھەتتىن كارخانىلارنىڭ يۈكىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشتەك سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر