باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەبلەغ سېلىش ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ

− دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈستىدە توختالدى

2018.09.21 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى نۆۋەتتىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 18- سېنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىنكاس قايتۇردى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ليۇ شىخۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، لېكىن ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، سېلىنما ئېشىش كۈچىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئەكىس ئەتتۈردى، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم».

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايمۇ ئاي ئاستىلىدى، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئېشىپ، ئالدىنقى يەتتە ئايدىكىدىن داۋاملىق 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى، ئەمما تۆۋەنلەش دەرىجىسى بىر ئاز كىچىكلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىزچىل ئاشتى، ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغ مۇقىملىقنى ساقلىدى، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، ئەلئارا مەبلەغ سېلىش بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە ئاشتى.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مەبلەغ سېلىش باشلامچى كۆرسەتكۈچى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىدى. ليۇ شىخۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا سېلىنىپ نەقلەشكەن مەبلەغ ئارانلا %2.1 ئاشقان؛ يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى %18.3 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇل ئەسلىھەلەر بويىچە يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى %28.1 ئازايغان.

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇقىملىق داۋامىدا ئۆزگىرىش ياساپ، بەزى يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا يۈزلەنمەكتە ئىكەن، تاشقى مۇھىتتا روشەن ئۆزگىرىش بولغان. ليۇ شىخۇ: «مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش − ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە»، دېدى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم زور تۈرلەرنى زاپاس تەييارلاش، بىر تۈركۈم زور تۈرلەردە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈم زور تۈرلەردە قۇرۇلۇش قىلىش، بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈش لازىم. تۈرلۈك نامۇۋاپىق شەرتلەرنى تۈگىتىشنى تېزلىتىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان قوشۇمچە شەرتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇنى ئازايتىش لازىم. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP) ئەندىزىسىنى قېلىپلىق، تەرتىپلىك ئومۇملاشتۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر