باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا

2018.09.21 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.

  نۇر بەكرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  نۇر بەكرى، ئەر، ئۇيغۇر، 1961-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ بورتالادىن، 1982-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، 1983-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار سىنىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1978-يىلى 11-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان.

  1983-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىسى، ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1984-يىلى 11-ئايدىن 1989-يىلى 1-ئايغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1989-يىلى 1-ئايدىن 1992-يىلى 1-ئايغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (1986-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 7-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلار تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1992-يىلى 1-ئايدىن 1992-يىلى 6-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1992-يىلى 6-ئايدىن 1993-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1993-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1994-يىلى 5-ئايدىن 1994-يىلى 11-ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى فېيچېڭ شەھىرىدە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ چېنىققان).

  1995-يىلى 4-ئايدىن 1996-يىلى 3-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان.

  1996-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان.

  1998-يىلى 2-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.

  1998-يىلى 3-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  2000-يىلى 12-ئايدىن 2003-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2003-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2005-يىلى 1-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2007-يىلى 12-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولغان.

  2008-يىلى 1-ئايدىن 2014-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان.

  2014-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى (مىنىستىر دەرىجىلىك)، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان.

  ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەملىكەتلىك 17-، 18- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 11-، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. (قىسقىچە تەرجىمىھالى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدىن دىن ئېلىندى)

  كۆرۈپ ېېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر