- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو بىلەن گىرېنادا «بىر بەلباغ، بىر يول»چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاشتى
2018.09.21 15:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- كۈنى، جۇڭگونىڭ گرېناداتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋ يوڭچېن بىلەن گىرېنادا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پېتىر. داۋىد ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن گرېنادانىڭ پايتەختى سانت جورجتا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش چۈشىنىش ئەسلىمىسىنى ئىمزالاشتى. داۋىد مۇنداق دېدى: گىرېنادا بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قۇرۇش چۈشىنىش ئەسلىمىسىنى ئىمزالىغانلىقى بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەم گرېنادانىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مۇھىم ۋە سىجىل بولغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر