باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ جياۋېن يايلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئاساسىنى پۇختىلاشنى تەكىتلىدى

2018.09.19 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش __ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپى، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم يولى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ئوتلاق مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  1. ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك

  (1) ئوتلاق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زىممىسىگە ئېلىشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەت. ئوتلاق ئېلىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى، دۆلەت زېمىنىنىڭ بەشتىن ئىككى قىسمىنى قاپلايدۇ، ئۇ، تېرىگە ئوخشاش زېمىننى قوغدايدۇ ۋە ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ئوتلاق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش، تۈتەك سۈمۈرۈپ توزان يېغىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇپ ئوكسىگېن قويۇپ بېرىش، كىلىماتنى تەڭشەش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ئوتلاق بولسا خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى قاتارلىق مۇھىم دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسى، غايەت زور كاربون ئامبىرى ۋە مۇھىم ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تۈر بايلىقى ئامبىرى. دېمەك، يايلاق ئېكولوگىيەسى ئەھۋالىنىڭ ياخشى-يامانلىقى، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

  (2) يايلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن تەخىرسىز ۋەزىپە. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەسى قىسمەن ياخشىلاندى، ئومۇمىي ناچارلىشىش يۈزلىنىشى تېخى تۈپتىن ئوڭشالغىنى يوق، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوتلاقلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چېكىنىش، قۇملىشىش، چۆللىشىش، ئىشقارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇد. مەملىكەت بويىچە ئوتلاقنىڭ ئوتتۇرىچە ئوت-چۆپ مىقدارى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا %30 ~ %20 كىچە تۆۋەنلىدى. ئوتلاقتا زەھەرلىك، زىيانلىق، سۈپەتسىز ئۆسۈملۈكلەر پەيدا بولۇپ يامراپ، چاشقان ۋە ھاشارەت ئاپىتى قاتارلىق بىيولوگىيەلىك ئاپەتلەر كۆپ يۈز بەردى. ھەرخىل ئىگىلىۋېلىش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن، مەملىكەت بويىچە ئوتلاق كۆلىمى داۋاملىق تارىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 500 مىڭ گېكتار ئەتراپىدا كېمەيدى، يايلاقنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى تېزدىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا مۇھتاج.

  (3) ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولسا يايلاق رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. ياخشى يايلاق ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى بولسا يايلاق رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى. دۆلىتىمىزدە %70 تىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى يايلاق رايونىدا ياشايدۇ. ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق ئالتە چوڭ يايلاق ئۆلكىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران مەملىكەت بويىچە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %84 ىنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 268 چارۋىچىلىق ۋە يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيەسى ئىچىدە، دۆلەتنىڭ يۆلەش-ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەسى %57 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئوتلاق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرا بويلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا، يەنىلا ئوتلاققا يېقىندىن تايىنىدۇ، ئوتلاق ئۆزگىچە ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە كەسىپ تىپى، كەسىپ ئېكولوگىيە تىپىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر