باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

«ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي»دىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2018.09.18 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «‹ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي›دىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، پۈتۈن جەمئىيەتتە «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي»دىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغان ۋە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر ھەربىيلەر تىپلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مەڭگۈ ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئېسىل پەزىلىتى ۋە ياخشى روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىش، ھەربىيدىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەر شەرەپنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىشىغا سەپەرۋەرلىك قىلىش، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىسىنى ئەڭ گۈزەلنى ئۆگىنىش ۋە تىرىشىپ ئەڭ گۈزەل بولۇشنى رىغبەتلەندۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش، ئىش ئورنىنى ئاساس قىلىپ تۆھپە يارىتىدىغان كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە تۆھپە يارىتىدىغان يېڭى دەۋر كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر